مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

پانگاسىنان تىلىدىكى يېڭى «دەرىسلىك»‏

پانگاسىنان تىلىدىكى يېڭى «دەرىسلىك»‏

2012-‏يىلى پانگاسىنان تىلىدا نەشىر قىلىنغان «مۇقەددەس كىتاب ھېكايىلىرى» كىتابى فىلىپپىندىكى بۇ تىلدا سۆزلەيدىغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىر دەرسلىك بولدى.‏ بۇ كىتاب دەل ۋاقتىدا نەشىر قىلىنغان دېسەك بولىدۇ،‏ چۈنكى فىلىپپىن مائارىپ مىنىستىرلىكى چىقارغان بۇيرۇققا بىنائەن،‏ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بالىلار بىلىمنى پەقەت ئانا تىلىدا ئېلىشى كېرەك ئىدى.‏

فىلىپپىندا كىشىلەر 100دىن ئوشۇق تىل سۆزلەشكەچكە،‏ سىنىپتا قايسى تىلنى ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان مۇزاكىرە قىلىنغان.‏ لېكىن،‏ 2012-‏يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئانا تىلنى ئىشلىتىش،‏ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇماتنى ياخشىراق ۋە تېزراق چۈشىنىشىگە» ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.‏ نەتىجىدە،‏ «ئانا تىلى ئاساسىدا كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش پروگراممىسى» يولغا قويۇلغان.‏

ئىشلىتىشكە تاللانغان تىللارنىڭ بىرى پانگاسىنان تىلى ئىدى.‏ لېكىن،‏ مەكتەپ مەمۇرىيىتى بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن:‏ پانگاسىنان تىلىدا ئوقۇش قوراللىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى.‏ دەل شۇ ۋاقىتتا،‏ 2012-‏يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا،‏ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ چوڭ يىغىلىشىدا بالىلارغا بېغىشلانغان مەزكۇر كىتابنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.‏

چوڭ يىغىلىشتا بۇ كىتابتىن تەخمىنەن 10000 نۇسخا تارقىتىلدى.‏ بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-‏ئانىلىرى ئۆز ئانا تىلىدىكى بۇ كىتابنى ئېلىپ،‏ ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى.‏ بىر ئاتا-‏ئانا:‏ «بالىلىرىمىز بۇ كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق چۈشەنگەنلىكتىن،‏ ئۇنى بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدۇ»،‏ —‏ دېگەن.‏

چوڭ يىغىلىش تۈگەپلا،‏ داگۇپان شەھىرىدىكى بىر نەچچە ياش يەھۋا گۇۋاھچىلىرى «ھېكايىلەر» كىتابىىنى ئۆزلىرى بىلەن مەكتەپكە ئېلىپ بارغانىدى.‏ ئۇ يەردىكى مۇئەللىملەر بەكمۇ خۇشال بولۇشۇپ كەتتى،‏ چۈنكى ئۇلار بۇ تىلدا ماتېرىيال تاپالماي قىينالغان ئىدى.‏ نەتىجىدە 340 پارچەدىن كۆپرەك كىتاب تارقىتىلدى.‏ مۇئەللىملەر كىتابنى قوللىرىغا ئېلىشى بىلەنلا،‏ ئۇنى ئۆز ئانا تىلىدا بالىلارغا بىلىم بېرىش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا باشلىدى.‏

بۇ كىتاب بالىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلۋاتقانلىقى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ناھايىتى خۇرسەن قىلىدۇ.‏ مۇشۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان بىر تەرجىمان مۇنداق دەيدۇ:‏ «بىز ماتېرىياللارنى ئادەملەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان ئانا تىللىرىدا چىقىرىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن بىلگەن ئىدۇق.‏ شۇ سەۋەبتىنمۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى نەچچە يۈزلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆكمەكتە».‏