مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلسام،‏ مە‌نمۇ ئۇ‌لارنىڭ بىرى بولۇ‌شۇ‌م كېرە‌كمۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلسام،‏ مە‌نمۇ ئۇ‌لارنىڭ بىرى بولۇ‌شۇ‌م كېرە‌كمۇ؟‏

 ياق،‏ بۇ شە‌رت ئە‌مە‌س.‏ مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمايمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشتىن ھۇ‌زۇ‌رلانماقتا.‏ a تە‌تقىق قىلىشنىڭ ئاساسىي مە‌قسىتى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىنى بىلىۋېلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىش.‏ ئۆگە‌نگە‌ن بىلىمنى قانداق پايدىلىنىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىسىز.‏ ئىمان-‏ئېتىقاد كىشىنىڭ شە‌خسىي ئىشى.‏ بىز ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلە‌يمىز (‏يە‌شۇ‌ئا 24:‏15‏)‏.‏

مە‌ن تە‌تقىق دە‌رىسىدە ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىمدىن پايدىلانسام بولامدۇ؟‏

 ئە‌لۋە‌تتە.‏ بىز زامانىۋىي تىلدا يېزىلغان ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب.‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنى»‏ ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئە‌گە‌ر خالىسىڭىز،‏ ئۇ‌نى ھە‌قسىز ئالالايسىز.‏ بىراق،‏ ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىڭىزنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ،‏ بىز بۇ‌نىڭدىن بە‌ك خۇ‌رسە‌ن.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌رقانداق بىر تە‌رجىمىسىدىن ئۈمىد ۋە قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنە‌لە‌يسىز.‏

نېمە ئۈچۈن سىلە‌ر ئېتىقاددىشىڭلار ئە‌مە‌س ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىسىلە‌ر؟‏

  •   ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى شۇ‌نداق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ئۆزلىرى بىلىۋالغانلارنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىشنى خالايدۇ (‏مە‌تتا 22:‏37،‏ 38؛‏ 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ بىز ئۈچۈن كىشىلە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشىغا ياردە‌ملىشىپ،‏ «خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى» بولۇ‌شتىن چوڭ شە‌رە‌پ يوق (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 3:‏6—‏9‏)‏.‏

  •   بىزنى شۇ‌نداق قىلىشقا يە‌نە قوشنىلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏مە‌تتا 22:‏39‏)‏.‏ بىلىۋالغان ئاجايىپ ھە‌قىقە‌تلە‌رنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىش بىزنى بە‌كمۇ خۇ‌شال قىلىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35‏)‏.‏

a تە‌تقىق ئۆگىنىشىنىڭ نە‌تىجىسىگە قارىساق،‏ 2022‏-‏يىلى ھە‌ر ئاي 5666996 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق دە‌رىسى ئۆتكۈزۈلگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى بىرلا ۋاقىتتا بىر نە‌چچە ئادە‌م بىلە‌ن ئۆتكۈزۈلگە‌ن.‏ لېكىن،‏ پە‌قە‌ت 145552 كىشى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلدى.‏