مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

كىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ پائالىيە‌تلىرىنى ئىقتىساد بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ؟‏

كىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ پائالىيە‌تلىرىنى ئىقتىساد بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ؟‏

 بىزنىڭ دۇ‌نياۋىي پائالىيىتىمىز ئاساسلىقى ھە‌ر بىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى a قىلغان ئىختىيارىي ئىئانىلە‌ر ياردىمى بىلە‌ن ئېلىپ بېرىلىدۇ.‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلاردا ئىئانە ساندۇ‌قچىىرى قويۇ‌لغان.‏ تور بېكىتىمىزدىكى «ئىئانىلە‌ر»،‏ دېگە‌ن يە‌ردە ئىئانە قىلىشنىڭ باشقىمۇ ئۇ‌سۇ‌للىرى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئىئانە قىلىشنى خالىغان ئادە‌م دۇ‌نياۋىي پائالىيىتىمىزگە،‏ يە‌رلىك جامائە‌تنىڭ چىقىملىرى ئۈچۈن ياكى ھە‌ر ئىككىلىسى ئۈچۈنمۇ ئىئانە قىلالايدۇ.‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى كىشىلە‌ردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ياكى مە‌لۇ‌م نىسپە‌تتە ئايلىق مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 9:‏7‏)‏.‏ بىز يىغىلىشلىرىمىزغا قاتنىشىش ھە‌ققى ئالمايمىز،‏ قاتناشقۇ‌چىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىئانە يىغمايمىز.‏ كىشىلە‌ردىن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈش،‏ ئۆلۈم ئۇ‌زىتىش يە‌نى دە‌پنە مۇ‌راسىمى،‏ توي مە‌رىكە ياكى باشقا دىنىي مۇ‌راسىملار ئۈچۈن ھە‌ق ئالمايمىز.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىئانە توپلاش نامىدا لاتارىيە بېلە‌تلىرى،‏ مۇ‌كاپاتلىق سېتىۋېلىش،‏ ئويۇ‌نلار،‏ بايراملار،‏ كە‌چلىك ئولتۇ‌رۇ‌ش دېگە‌ندە‌ك ياكى باشقا پائالىيە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزۈپ پۇ‌ل يىغمايدۇ.‏ ئىئانە بە‌رگۈچىنىڭ شە‌خسىي ئۇ‌چۇ‌رىنى باشقىلارغا بە‌رمە‌يدۇ ياكى جامائە‌تتە ئوچۇ‌ق ئاشكارە ئېلان قىلمايدۇ (‏مە‌تتا 6:‏2—‏4‏)‏.‏ بىز تور بېكىتىمىز ياكى نە‌شىر قىلغان ماتېرىياللىرىمىزدا سودا-‏تىجارە‌ت ئېلانلىرىنى چىقىرىپ پۇ‌ل تاپمايمىز.‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ھە‌ر بىر جامائىتىدە،‏ ھە‌ر ئايدا ئىئانە پۇ‌للىرىنىڭ ھېسابىدىن ئوچۇ‌ق خە‌ۋە‌ر بېرىلىپ تۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئېلانلارنىڭ قىلىنىپ تۇ‌رۇ‌شى ھە‌ر بىر جامائە‌تتە ئىئانە قىلىنغان پۇ‌للارنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىگە كاپالە‌تلىك قىلىش ئۈچۈن (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 8:‏20،‏ 21‏)‏.‏

ئىئانە قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

  •   ئىئانە ساندۇ‌قچىلىرى.‏ ئىبادە‌ت زاللىرى،‏ چوڭ يىغىلىش سارايلىرى ياكى يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلىدىغان باشقا جايلارغا ئىئانە ساندۇ‌قچىلىرى قويلغان بولۇ‌پ،‏ نە‌ق پۇ‌ل ياكى پۇ‌ل چە‌كلىرىنى سېلىشقا بولىدۇ.‏

  •   تور ئارقىلىق قىلىنغان ئىئانىلە‌ر‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن دۆلە‌تلە‌ردە قە‌رز كارتا،‏ مائاش كارتا،‏ بانكا ياكى باشقا ئېلېكترونلۇ‌ق ئۇ‌سۇ‌للار b ئارقىلىق ئىئانە قىلىشقا بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن تور بېكىتىمىزدىكى «‏دۇ‌نياۋىي پائالىيىتىمىزگە ئىئانە قىلىش‏» دېگە‌ن يە‌رگە بېسىڭ.‏ بە‌زى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌للارنىڭ بىرىنى ئىشلىتىپ،‏ ھە‌ر ئايدا ئىئانە قىلىش ئۈچۈن پۇ‌للىرىنى ئاجرىتىپ قويىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 16:‏2‏)‏.‏

  •   پىلانلاپ قىلىنغان ئىئانە‏.‏ ئىئانە قىلىشنىڭ بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للىرى ئالدىن-‏ئالا پىلان قىلىشنى ياكى قانۇ‌نىي مە‌سلىھە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئىئانە قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى دۆلىتىڭىزدىكى باج-‏سېلىق ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىشقا يول قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرى ھايات ۋاقتىدا ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا بولىدىغان ئىئانىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتقا ئىگە بولغانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرمە‌كتە.‏ ئە‌گە‌ر ئىئانە قىلىشنى خالىسىڭىز،‏ قوشۇ‌مچە مە‌لۇ‌ماتنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يە‌رلىك بە‌يتە‌ل ئىشخانلىرى بىلە‌ن ئالاقىلىشىڭ:‏

    •   بانكا ھېساباتى

    •   سۇ‌غۇ‌رتا ۋە پېنسىيە

    •   يە‌ر-‏مۈلۈك

    •   پاي چېكى ياكى قە‌رز ھۆججە‌ت چېكى

    •   ۋە‌سىيە‌تنامە ۋە ھاۋالە قىلىنغان مۈلۈك

 سىز تۇ‌رىۋاتقان دۆلە‌تتە قانداق ئىئانە قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى بار ئىكە‌نلىكىنى بىلىش ئۈچۈن «‏دۇ‌نياۋىي پائالىيىتىمىزگە ئىئانە قىلىش‏» دېگە‌ن يە‌رگە بېسىڭ.‏

a يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌مە‌س بە‌زى كىشىلە‌رمۇ پائالىيىتىمىزنى قوللاش ئۈچۈن خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئىئانە قىلىدۇ.‏

b كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن «‏تور بېكە‌ت ئارقىلىق ئىئانە قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى‏» دېگە‌ن فىلىمنى كۆرۈڭ.‏