مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ

مە‌ن ھېچقاچان يېنىمغا قورال سالماي،‏ ھېچ يە‌رگە بارمايتتىم

مە‌ن ھېچقاچان يېنىمغا قورال سالماي،‏ ھېچ يە‌رگە بارمايتتىم
  • تۇ‌غۇ‌لغان يىلى:‏ 1958

  • دۆلىتى:‏ ئىتالىيە

  • قىسقىچە مە‌لۇ‌مات:‏ قارا جە‌مىيە‌تنىڭ ئە‌زاسى

ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم:‏

مە‌ن رىم شە‌ھىرىنىڭ ئاساسە‌ن ئىشچىلار ياشايدىغان كە‌مبە‌غە‌ل بىر رايونىدا تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ چوڭ بولدۇ‌م.‏ ھاياتىم جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تكە تولغان ئىدى.‏ مە‌ن ئاپامنى ھېچقاچان كۆرمىگە‌ن ئىدىم.‏ دادام بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىم ياخشى ئە‌مە‌س ئىدى.‏ كوچىلاردا يۈرۈپ،‏ ھايات كە‌چۈرۈشنى ئۆگە‌ندىم.‏

ئون يېشىمدا مە‌ن ئوغۇ‌رلۇ‌ق قىلىشقا باشلىدىم،‏ ئون ئىككى يېشىمدا بولسا،‏ بىرىنچى قېتىم ئۆيدىن قېچىپ كە‌تتىم.‏ دادام مېنى بىرقانچە قېتىم مە‌ركىزى ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقىپ،‏ ئۆيگە ئېلىپ كە‌تتى.‏ مە‌ن ئىنتايىن زوراۋان بولۇ‌پ،‏ ھە‌ممىلا ئادە‌م بىلە‌ن دائىم تاللاش-‏تارتىش قىلاتتىم،‏ پۈتكۈل دۇ‌نياغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ يۈرە‌تتىم.‏ ئون تۆت ياشقا كىرگە‌ندە،‏ ئاخىرى ئۆيدىن قېچىپ كە‌تتىم،‏ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،‏ زە‌ھە‌ر چېكىپ،‏ كوچىلاردا ھايات كە‌چۈرۈشنى باشلىدىم.‏ ئۇ‌خلايدىغان ھېچ بىر جايىم بولمىغاچ،‏ مە‌ن ئادە‌تتە بىرە‌ر ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرىپ،‏ تاڭ ئاتقۇ‌چە ئۇ‌خلىۋالاتتىم.‏ كېيىن ئە‌تىگە‌ندە،‏ يۇ‌يۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن بىر فونتان ئىزدە‌يتتىم.‏

مە‌ن ھە‌قىقە‌تە‌ن ماھىر بىر ئوغرى بولدۇ‌م.‏ پە‌قە‌ت سومكىلاردىن ئۇ‌ششاق نە‌رسىلە‌رنى ئوغۇ‌رلاش ماھارىتىم ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يېرىم كېچىدە ئۆيلە‌رگە كىرىپ،‏ بۇ‌لاڭچىلىق قىلىش ماھارىتىم ھە‌م ئاشقان ئىدى.‏ مېنىڭ يامان نام-‏ئاتىقىم چىقىپ كە‌تتى ۋە ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي بىر داڭلىق قارا جە‌مئىيە‌تكە قوبۇ‌ل قىلىندىم.‏ بۇ مېنى بانكىلارنى بۇ‌لاش ماھارىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌ش پۇ‌رسىتىگە ئىگە قىلدى.‏ قېنىم قىزىق،‏ زوراۋان كىشى بولغىنىم ئۈچۈن مە‌ن شۇ قارا جە‌مئىيە‌ت ئە‌زالىرىنىڭ ئىشە‌نچىسىگە چاپسانلا ئېرىشتىم.‏ مە‌ن دائىم تاپانچا ئېلىپ يۈرە‌تتىم،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى ياستۇ‌قنىڭ ئاستىغا قويۇ‌پ ئۇ‌خلايتتىم.‏ ھاياتىم زوراۋانلىق،‏ زە‌ھە‌ر،‏ ئوغۇ‌رلۇ‌ق،‏ سېسىق سۆزلە‌ر ۋە ئە‌خلاقسىزلىققا تولغان ئىدى.‏ ساقچىلار ھە‌مىشە ئارقامغا چۈشۈپ،‏ ماڭا ئە‌گىشىپ يۈرە‌تتى.‏ مە‌ن بىرنە‌چچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ،‏ تۈرمىدە ياتتىم.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتتى:‏

بىر كۈنى تۈرمىدىن چىققاندا،‏ مە‌ن كىچىك ھە‌دە‌منى يوقلاپ كە‌لمە‌كچى بولدۇ‌م.‏ شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئىككى بالىسى بىلە‌ن بىرگە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولغانلىقىنى بىلدىم.‏ ئۇ‌لار مېنى جامائە‌ت يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلدى.‏ مە‌ن ئۇ يە‌رگە قىزىقىش ئۈچۈن باردىم.‏ ئىبادە‌ت ئۆيىگە كە‌لگە‌ندە،‏ مە‌ن كىرىپ چىقىۋاتقان ھە‌ممە كىشىلە‌رنى كۆرۈپ تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئىشىككە يېقىن ئولتۇ‌ردۇ‌م.‏ شۇ چاغدىمۇ،‏ يېنىمدا تاپانچا بار ئىدى.‏

ئاشۇ يىغىلىش ھاياتىمنى ئۆزگە‌ردى.‏ ئېسىمدە قېلىشىچە،‏ مە‌ن شۇ يە‌ردە ئۆزۈمنى باشقا بىر سە‌ييارىگە كېلىپ قالغاندە‌ك ھېس قىلغان ئىدىم!‏ شۇ يە‌ردىكى ئادە‌ملە‌ر مېنى ئىللىق تە‌بە‌سسۇ‌م بىلە‌ن قارشى ئالغان ئىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆزلىرىدىن ئاق كۆڭۈللۈك ۋە سە‌مىمىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت چىقىپ تۇ‌رغانلىقى تېخى ئېسىمدىن كە‌تمە‌يدۇ.‏ بۇ تامامە‌ن باشقا بىر دۇ‌نيا ئىدى!‏

مە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى باشلىدىم.‏ بىلىم ئالغانسېرى،‏ ھايات تە‌رزىمنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتىشىم كېرە‌كلىكىنى ئېنىق چۈشىنىپ يە‌تتىم.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20-‏ئايە‌تتىكى‏:‏ «كىمكى دانالار بىلە‌ن ھە‌مراھ بولسا،‏ دانا بولار،‏ ئە‌مما كىمكى نادانلار بىلە‌ن ئارىلاشسا زىيانغا ئۇ‌چرار»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌ر قە‌لبىمگە قاتتىق تە‌سىر قىلدى.‏ مە‌ن قارا جە‌مئىيە‌ت بىلە‌ن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشۈم كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىپ يە‌تتىم.‏ بۇ ئاسانغا چۈشمىدى،‏ لېكىن تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىن چىقتىم.‏

ھاياتىمدا تۇ‌نجى قېتىم ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمنى كونترول قىلىشقا باشلىدىم

شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ مە‌ن ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شنى قارار قىلدىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ تاماكا ۋە زە‌ھە‌ر چېكىشنى تاشلاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردىم.‏ ئۇ‌زۇ‌ن چاچلىرىمنى كېسىپ،‏ قۇ‌لاققا سېلىۋالغان ھالقىنى چىقىرىپ،‏ ئېغىزىمنى يامان قىلىشنى توختاتتىم.‏ ھاياتىمدا تۇ‌نجى قېتىم ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمنى كونترول قىلىشنى باشلىدىم.‏

ئوقۇ‌ش ۋە تە‌لىم ئېلىشنى ھېچقاچان ياقتۇ‌رمىغان ئىدىم.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ماڭا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن ۋاقىتتا دىققە‌تچان بولۇ‌ش ئىنتايىن قىيىن بولدى.‏ بىراق،‏ بۇ‌نىڭغا بار كۈچۈم بىلە‌ن تىرىشتىم.‏ ئاستا-‏ئاستا تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىم بارغانسېرى چوڭقۇ‌رلاشتى ۋە ئىچىمدىكى بىر نە‌رسە ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى،‏ يە‌نى ۋىجدانىم ئويغىنىشقا باشلىدى.‏ مە‌ن كۆپىنچە ئۆزۈم ھە‌ققىدە سە‌لبىي ئوي-‏پىكىردە بولدۇ‌م ۋە مە‌ن ئىلگىرى ئادە‌ملە‌رگە قىلغان يامانلىقلىرىم ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ چوقۇ‌م مېنى كە‌چۈرۈۋېتىدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلدىم.‏ شۇ‌نداق پە‌يتلە‌ردە،‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرگە‌نلىكى ھە‌ققىدىكى ۋە‌قە‌نى ئوقۇ‌پ،‏ كۆپ تە‌سە‌للى ئالاتتىم.‏—‏2-‏سامۇ‌ئىل 11:‏1—‏12:‏13‏.‏

مە‌ن ئۈچۈن يە‌نە بىر قىيىنچىلىق ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىش ئىدى (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئۆتمۈشتە مە‌ن زىيان يە‌تكۈزگە‌ن بىرسىنى ئۇ‌چرىتىپ قېلىشىم مۇ‌مكىن دە‌پ قورقاتتىم.‏ ئە‌مما ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ بۇ قورقۇ‌نچنى يېڭىۋالدىم.‏ باشقىلارنىڭ كە‌چۈرۈمچان ئە‌رشتىكى ئاتىمىز يە‌ھۋانى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ كۆڭلۈم ھە‌قىقىي قانائە‌ت تاپقاندە‌ك ھېس قىلىشنى باشلىدىم.‏

قانداق پايدىسىنى كۆردۈم:‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرىسىدىكى بىلىم ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى.‏ بۇ‌رۇ‌نقى دوستلۇ‌رۇ‌منىڭ كۆپىنچىسى ئۆلۈپ كە‌تتى ياكى قاماقتا ئولتۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏ مە‌ن بولسام،‏ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈپ،‏ كېلە‌چە‌ككە ئۈمىد بىلە‌ن قارايمە‌ن.‏ مە‌ن كە‌متە‌ر بولۇ‌ش،‏ بويسۇ‌نۇ‌ش ۋە ۋە‌ھشى مىجە‌ز-‏خۇ‌لقۇ‌منى كونترول قىلىشنى ئۆگە‌ندىم.‏ مە‌ن بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆردۈم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌تراپىمدىكى كىشىلە‌ر بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىم ياخشىلاندى.‏ سۆيۈملۈك ئايالىم كارمېن بىلە‌ن بىللە بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتىمىز.‏ بىز ئىككىمىز كىشىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ كۆڭلىمىزنىڭ ھە‌قىقىي شۈكۈر-‏قانائە‌ت تاپقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز.‏

راست،‏ ھازىر مە‌ن سە‌مىمىي،‏ ئىشچان.‏ قىلدىغان ئىشىمنىڭ بە‌زىدە بانكىلار بىلە‌ن ئالاقىسى بار.‏ بىراق،‏ ئە‌مدى تاپانچا بىلە‌ن بۇ‌لاشقا بارمايمە‌ن،‏ بە‌لكى چېلە‌ك ۋە لۆڭگىلە‌ر بىلە‌ن بېرىپ،‏ شۇ بانكىلارنى تازلايمە‌ن!‏