مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ھۆرمەت بىلەن سۆزلەش نىكاھنى تۇتۇپ تۇرىدىغان يۇمشاق لايغا ئوخشاش

ئە‌ر-‏ئاياللار ئۈچۈن

3.‏ ھۆرمە‌ت

3.‏ ھۆرمە‌ت

دېگە‌ن نېمە؟‏

بىر-‏بىرىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان ئە‌ر-‏ئاياللار،‏ ھە‌تتا ئوي-‏پىكىرلىرى بىر يە‌ردىن چىقمىسىمۇ،‏ بىر-‏بىرىگە كۆيۈنىدۇ.‏ بىر كىتابتا مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن:‏ «بۇ‌نداق ئە‌ر-‏ئاياللار ئۆز سۆزىدە تۇ‌رۇ‌پ ئارىسىدا كېلىشمە‌سلىك پە‌يدا قىلىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىن قاچىدۇ.‏ ئۇ‌لار كېلىشمە‌سلىكلە‌ر ھە‌ققىدە سۆزلىشىدۇ.‏ ئۆز ئۆمۈرلۈك جورىسىنىڭ پىكىرىنى ھۆرمە‌ت بىلە‌ن تىڭشايدۇ ۋە ئۇ‌لار سۈركىلىشتىن ساقلىنىپ،‏ مە‌سىلىنى بىر تە‌رە‌پ قىلىشقا تىرىشىدۇ» (‏Ten Lessons to Transform Your Marriage‏)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت .‏ .‏ .‏ شە‌خسىي مە‌نپە‌ئە‌تنى كۆزلىمە‌يدۇ».‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4،‏ 5‏؛‏ ي.‏د.‏

‏«ئايالىمنى ھۆرمە‌ت قىلىش ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌شنى،‏ رە‌نجىتىدىغان ياكى نىكاھىمىزغا زىيان يە‌تكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى بىلدۈرىدۇ» (‏مايك)‏.‏

نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

ئە‌گە‌ر ئە‌ر-‏ئايال پاراڭلاشقاندا تە‌نقىد،‏ مە‌سخىرە سۆزلىرىنى قىلسا،‏ ھە‌تتا بىر-‏بىرىنى كە‌مسىتسە،‏ بۇ‌نى پسىخولوگلار ئاجرىشىشقا يېتە‌كلە‌يدىغان سە‌ۋە‌ب دە‌پ ئاتايدۇ.‏

‏«ئايالىڭىزغا رە‌نجىتىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىن كۈلۈپ مە‌سخىرە قىلسىڭىز،‏ ئۇ ئۆزىگە ۋە سىزگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى يوقىتىدۇ ۋە شۇ‌نداق قىلىپ سىز نىكاھىڭىزغا زىيان يە‌تكۈزىسىز» (‏برايىن)‏.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

بىر ھە‌پتە ئۆز گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزنى كۈزىتىپ كۆرۈڭ.‏ كېيىن ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

  • ھە‌مراھىمنى قانچە قېتىم تە‌نقىد قىلىمە‌ن ۋە قانچە قېتىم ئۇ‌نى ماختايمە‌ن؟‏

  • ئۇ‌نىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى قانداق كۆرسە‌تتىم؟‏

جۈپتىڭىز بىللە مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ

  • قايسى گە‌پ-‏سۆزلە‌ر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر ئارقىلىق بىر-‏بىرىمىزگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

  • قايسى گە‌پ-‏سۆزلە‌ر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر بىر-‏بىرىمىزگە قارىتا ھۆرمە‌تسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ؟‏

مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • قايسى ئۈچ ساھە‌دە ھۆرمە‌تنى ھېس قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى قە‌غە‌زگە يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏ جۈپتىڭىزمۇ شۇ‌نى يازسۇ‌ن.‏ كېيىن قە‌غە‌زلە‌رنى ئالماشتۇ‌رۇ‌پ،‏ يېزىلغان ساھە‌لە‌ردە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشكە تىرىشىڭ.‏

  • ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنىڭ سىز ياقتۇ‌رىدىغان پە‌زىلە‌تلىرىنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭغا بۇ پە‌زىلە‌تلىرىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.‏

‏«ئېرىمنى ھۆرمە‌تلە‌ش دېمە‌ك ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىم ئارقىلىق ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ‌نىڭ شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىنى خالايدىغانلىقىمنى كۆرسىتىش دېگە‌نلىكتۇ‌ر.‏ ھە‌ردائىم چوڭ ئىشلىرىم ئە‌مە‌س،‏ بە‌زىدە كىچىك ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىم ئۇ‌نى ھە‌قىقىي ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمنى كۆرسىتە‌لە‌يدۇ» (‏ماگېن)‏.‏

خۇ‌لاسىلىسە‌ك،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى گە‌پ جورىڭىزنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان ياكى ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغانلىقىڭىز ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى جورىڭىز ھۆرمىتىڭىزنى ھېس قىلىدىمۇ ياكى قىلالمىدىمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «كۆڭۈل شە‌پقە‌تلىكىنى،‏ مۇ‌لايىملىقنى،‏ كە‌متە‌رلىكنى،‏ ياۋاشلىقنى ۋە سە‌ۋرنى» كىيىڭلار.‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏12‏.‏