مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك

نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

‏«مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چۈشىنىش قىيىن دە‌پ ئويلىدىم».‏—‏جۇ‌ۋېي.‏

‏«ئۇ‌نى ئوقۇ‌ش ماڭا زېرىكىشلىك تۇ‌يۇ‌لغان ئىدى».‏—‏كۋىنى.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ شۇ‌نچە كۆپ بە‌تلىك كىتابلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئوقۇ‌ش ئىستىكىم يوقالدى».‏—‏ئە‌زە‌كىيال.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى ئويلىغاندا،‏ سىزدىمۇ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار پە‌يدا بولغانمۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ كىتابنى ئوقۇ‌ش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىشىدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سىزنىڭ تېخىمۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ۋە قانائە‌تلىنە‌رلىك ھايات كە‌چۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لىسىچۇ؟‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نى ئوقۇ‌شنىڭ تېخىمۇ قىزىقارلىق بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للىرىنى تاپقان بولسىڭىزچۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىشنى خالامسىز؟‏

كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌ن،‏ كېلىڭ ئۇ‌لاردىن بىر قانچىسىنىڭ نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

20ياشلاردىكى ئە‌زە‌كىيال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىلگىرى نە‌گە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمە‌يدىغان شوپۇ‌رغا ئوخشايتتىم.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈشۈمگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ بۇ كىتابتا كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بېرىدىغان ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار».‏

20ياشلاردىن ئاشقان فرىدا ئىسىملىك بىر ياش قىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قېنىم قىزىق ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ ياردىمىدە ئۆزۈمنى كونترول قىلىشنى ئۆگە‌ندىم.‏ باشقىلار بىلە‌ن چىقىشىپ ئۆتۈش ئاسانراق بولدى ۋە ھازىر كۆپ دوستلىرىم بار».‏

50تىن ئاشقان يۇ‌ۋنە‌س ئىسىملىك بىر ئايال بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش يامان ئادە‌تلىرىمنى تاشلاپ،‏ ياخشىراق ئادە‌م بولۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بە‌ردى».‏

يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلە‌ر ۋە باشقا مىليونلىغان ئىنسانلار ئۆز ھاياتىدا كۆز يە‌تكۈزگە‌ندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش سىزگىمۇ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ بۇ كىتابنىڭ ياردىمىدە،‏ سىز (‏1)‏ توغرا قارارلارنى چىقىرالايسىز،‏ (‏2)‏ ھە‌قىقىي دوستلارنى تاپالايسىز،‏ (‏3)‏ بېسىملارغا قارشى كۈرە‌ش قىلالايسىز ۋە ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ (‏4)‏ خۇ‌دا توغرىسىدا بىلىم ئالالايسىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌ر خۇ‌دادىن كە‌لگە‌چ،‏ سىز ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلسىڭىز،‏ بۇ‌نىڭغا ھېچقاچان ئۆكۈنمە‌يسىز.‏ خۇ‌دا ھېچقاچان يامان مە‌سلىھە‌ت بە‌رمە‌يدۇ.‏

ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى —‏ ئوقۇ‌شنى باشلاشتۇ‌ر.‏ قانداق ئە‌مە‌لىي قە‌دە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى ئاسانراق باشلاشقا ۋە تېخىمۇ قىزىقارلىق ۋە كۆڭۈللۈك ئوقۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏