مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

8-‏تە‌تقىق ماقالىسى

43-‏ناخشا ھوشيار،‏ مە‌ھكە‌م ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

يە‌ھۋانىڭ يوليورۇ‌قىغا داۋاملىق ئە‌گىشىڭ

يە‌ھۋانىڭ يوليورۇ‌قىغا داۋاملىق ئە‌گىشىڭ

‏«مە‌ن يە‌ھۋا،‏ .‏.‏.‏ سېنى مېڭىشىڭ كېرە‌ك بولغان يولدا يېتە‌كلىگۈچىمە‌ن»‏‏.‏—‏يە‌شايا 48:‏17‏.‏

مە‌ركىزىي ئىدىيە

بۇ ماقالىدىن،‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلە‌يدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭ يېتە‌كچىلىكىگە بويسۇ‌نغاندا،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن بىز يە‌ھۋانىڭ يېتە‌كلىشىگە مۇ‌ھتاج؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

 سىزنى ئورماندا ئادىشىپ قالدىڭىز دە‌يلى.‏ ئە‌تراپىڭىزدا ياۋايى ھايۋانلار،‏ كېسە‌للىكلە‌رنى يۇ‌قتۇ‌رىدىغان ھاشارە‌تلە‌ر،‏ زە‌ھە‌رلىك ئۆسۈملۈكلە‌ر ۋە باشقا ھە‌رخىل خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌ر كۆپ.‏ ئە‌گە‌ر قېشىڭىزدا قە‌يە‌ردە خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌ر بارلىقىنى ۋە ئۇ‌لاردىن قانداق يىراق تۇ‌رۇ‌شنى بىلىدىغان تە‌جرىبىلىك يېتە‌كچى بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن ئىنتايىن مىننە‌تدار بولىسىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏ بۇ دۇ‌نيا دە‌ل شۇ‌نداق خە‌تە‌رلىك ئورمانغا ئوخشايدۇ.‏ ئە‌تراپىمىز يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىمىزنى بۇ‌زىدىغان خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌رگە تولغان.‏ ئە‌مما،‏ بىزنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل يېتە‌كچىمىز يە‌ھۋا بار.‏ ئۇ بىزنى بىخە‌تە‌ر يولدا يېتە‌كلە‌پ،‏ ئاخىرقى مە‌نزىلىمىز يېڭى دۇ‌نيادىكى مە‌ڭگۈ ھاياتقا يە‌تكۈزىدۇ.‏

2.‏ يە‌ھۋا بىزنى قانداق يېتە‌كلە‌يدۇ؟‏

2 يە‌ھۋا بىزنى قانداق يېتە‌كلە‌يدۇ؟‏ بىرىنچى،‏ ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ئىنسانلارنى ئىشلىتىپ،‏ يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» ئارقىلىق،‏ بىزنى روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ يە‌ھۋا يە‌نە باشقا قابىلىيە‌تلىك كىشىلە‌رنى قوللىنىپ،‏ بىزنى يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ۋە جامائە‌ت ئاقساقاللىرى ئارقىلىق ئىلھام-‏مە‌دە‌ت ۋە يوليورۇ‌ق بېرىپ،‏ قىيىن كۈنلە‌ردىن ئۆتۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ قىيىنچىلىقلارغا تولغان ئاخىرقى كۈنلە‌ردە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىشە‌نچىلىك كۆرسە‌تمىلە‌ر بىلە‌ن بىزنى يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏ ئاشۇ كۆرسە‌تمىلە‌رنىڭ ياردىمىدە،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلىقىمىزنى ساقلاپ،‏ ھازىر ئۆزىدە ۋە كېلە‌چە‌كتە مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يمىز.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

3 بىراق،‏ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن يوليورۇ‌قنى،‏ بولۇ‌پمۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌ر يە‌تكۈزگە‌ندە،‏ بە‌زىدە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌ش قىيىنغا توختىتىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ قىيىنغا توختايدۇ؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار بىز ئاڭلاشنى خالىمىغان كۆرسە‌تمىنى بە‌رگە‌ن بولۇ‌شى ياكى بىز ئۇ‌نى دانا كۆرسە‌تمە ئە‌مە‌ستە‌ك ۋە يە‌ھۋادىن كە‌لمىگە‌ندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا،‏ بىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌يدىغانلىقىغا ۋە ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئە‌گىشىش بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشكە ياردە‌م بېرىدىغان ئۈچ نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قە‌دىمقى زامانلاردا قانداق يېتە‌كلىگە‌ن؟‏ (‏2)‏ بۈگۈنكى كۈنلە‌ردە بىزنى قانداق يېتە‌كلە‌ۋاتىدۇ؟‏ (‏3)‏ بىز ئۇ‌نىڭ يېتە‌كچىلىكىگە ئە‌مە‌ل قىلساق قانداق پايدا ئالالايمىز؟‏

يە‌ھۋا ئە‌زە‌لدىن بېرى ئۆز خە‌لقىگە يېتە‌كچىلىك بېرىش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلىگە‌ن؟‏

4،‏ 5.‏ يە‌ھۋا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئىسرائىلارنى يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئىسرائىل خە‌لقىنى مىسىردىن چىقىرىشقا تە‌يىنلىگە‌ن.‏ ئۇ ئىسرائىللارنى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىنى ئۇ‌لارغا كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى كۈندۈزى بۇ‌لۇ‌ت تۈۋرىكى،‏ كېچىسى ئوت تۈۋرىكى ئارقىلىق يېتە‌كلىگە‌ن (‏چىق.‏ 13:‏21‏)‏.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ئىسرائىللار ئۆزلىرىگە يول باشلاپ كە‌لگە‌ن تۈۋرۈككە ئە‌گىشىپ،‏ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكە‌ن.‏ بىراق،‏ كېيىن مىسىرلىقلار ئىسرائىل خە‌لقىنى قوغلاپ كە‌لگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئىسرائىللار ئىنتايىن قورقۇ‌پ كە‌تكە‌ن،‏ چۈنكى مىسىرلىقلار ئۇ‌لارنى ئۆلتۈرمە‌كچى ئىدى.‏ ئىسرائىللار مۇ‌سانىڭ ئۇ‌لارنى قىزىل دېڭىزغا ئېلىپ كە‌لگە‌نلىكى خاتا دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ خاتا بولمىغانىدى.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق يە‌ھۋا ئە‌تە‌ي ئۆز خە‌لقىنى شۇ يە‌رگە باشلاپ كە‌لگە‌نىدى (‏چىق.‏ 14:‏2‏)‏.‏ ئۇ شۇ يە‌ردە،‏ ئاجايىپ ھە‌يران قالارلىق يول بىلە‌ن ئۇ‌لارنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رغان.‏—‏چىق.‏ 14:‏26–‏28‏.‏

مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ‌لۇ‌ت تۈۋرۈكىگە تايىنىپ،‏ چۆلدە خۇ‌دا خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌پ كېتىۋاتىدۇ (‏4،‏ 5-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


5 مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقىنى بۇ‌لۇ‌ت تۈۋرۈكى ئارقىلىق 40 يىل يېتە‌كلە‌پ كە‌لگە‌نلىكىگە داۋاملىق ئىشە‌نگە‌ن a‏.‏ ھە‌ممە ئىسرائىللار يە‌ھۋانىڭ ئاشۇ تۈۋرۈكنى بىر مە‌زگىل مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ چېدىرى ئۈستىگە چۈشۈرگە‌نلىكىنى كۆرە‌لە‌يتتى (‏چىق.‏ 33:‏7،‏ 9،‏ 10‏)‏.‏ يە‌ھۋا تۈۋرۈك ئىچىدىن مۇ‌ساغا سۆزلىگە‌ن.‏ مۇ‌سا بولسا ئالغان كۆرسە‌تمىلە‌رنى خە‌لققە يە‌تكۈزگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 99:‏7‏)‏.‏ ئىسرائىللار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارنى مۇ‌سا ئارقىلىق يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرە‌لىگە‌ن ئىدى.‏

مۇ‌سا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋارىسى يە‌شۇ‌ئا (‏5،‏ 7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


6.‏ ئىسرائىل خە‌لقى يە‌ھۋانىڭ يېتە‌كچىلىكىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ (‏سانلار 14:‏2،‏ 10،‏ 11‏)‏

6 ئە‌پسۇ‌سكى،‏ ئىسرائىللارنىڭ كۆپىنچىسى يە‌ھۋانىڭ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۆزىنىڭ ۋە‌كىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىنى رە‌ت قىلغان ‏(‏سانلار 14:‏2،‏ 10،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قايتا-‏قايتا رە‌ت قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌دا ئىسرائىللارنىڭ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە يول قويمىغان.‏—‏سانلار 14:‏30‏.‏

7.‏ يە‌ھۋانىڭ يېتە‌كچىلىكىگە بويسۇ‌نغان ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرىنى كە‌لتۈرۈڭ (‏سانلار 14:‏24‏)‏.‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

7 ئە‌مما،‏ بە‌زى ئىسرائىللار يە‌ھۋانىڭ يوليورۇ‌قىغا بويسۇ‌نغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كالىب … پۈتۈن قە‌لبى بىلە‌ن ماڭا ئە‌گە‌شتى» ‏(‏سانلار 14:‏24-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دا كالىبنى مۇ‌كاپاتلىغان،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا ۋە‌دە قىلىنغان زېمىندا ئە‌ڭ ياخشى يە‌رنى تاللاشقا مۇ‌مكىنچىلىك بە‌رگە‌ن (‏يە‌شۇ‌ئا 14:‏12–‏14‏)‏.‏ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشكە رۇ‌خسە‌ت قىلىنغان ئىسرائىللارمۇ يە‌ھۋانىڭ يوليورۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌شتا ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئورنىغا يە‌شۇ‌ئا يېتە‌كچى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ندە،‏ ئىسرائىللار «يە‌شۇ‌ئانى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ‌نداق چوڭقۇ‌ر» ھۆرمە‌تلىگە‌ن (‏يە‌شۇ‌ئا 4:‏14‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن ھە‌مدە ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننى بە‌رگە‌ن.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 21:‏43،‏ 44‏.‏

8.‏ پادىشاھلارنىڭ زامانىدا،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلىگە‌ن؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

8 يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌ش ئۈچۈن ھاكىملارنى،‏ كېيىنرە‌ك پادىشاھلار زامانىدا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ سادىق پادىشاھلار شۇ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سېلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پادىشاھ داۋۇ‌ت كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ناتان پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ تۈزىتىشىنى قوبۇ‌ل قىلغان (‏2-‏سام.‏ 12:‏7،‏ 13؛‏ 1-‏تارىخ.‏ 17:‏3،‏ 4‏)‏.‏ پادىشاھ يە‌ھوشافات ياھازىئە‌ل پە‌يغە‌مبە‌ر بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىگە بويسۇ‌نغان ۋە يە‌ھۇ‌دا خە‌لقىنى ‹خۇ‌دانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىرىگە ئىشىنىشكە› دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏2-‏تارىخ.‏ 20:‏14،‏ 15،‏ 20‏)‏.‏ ھىزقىيا پادىشاھ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ردىن ياردە‌م سورىغان (‏يە‌شايا 37:‏1–‏6‏)‏.‏ پادىشاھلار يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نغاندا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن ۋە پۈتۈن خە‌لق بىخە‌تە‌ر ياشىغان (‏2-‏تارىخ.‏ 20:‏29،‏ 30؛‏ 32:‏22‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ خۇ‌دا ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ خە‌لقىگە يېتە‌كچىلىك قىلغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ كۆپىنچە پادىشاھلار ۋە ئىسرائىللار خە‌لقى يە‌ھۋا ئە‌ۋە‌تكە‌ن پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالمىغان.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 35:‏12–‏15‏.‏

ھىزقىيا پادىشاھ ۋە يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


يە‌ھۋا دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قانداق يېتە‌كلىگە‌ن؟‏

9.‏ يە‌ھۋا بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى يېتە‌كلە‌ش ئۈچۈن كىمنى قوللانغان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

9 مىلادى 1-‏ئە‌سىردە،‏ يە‌ھۋا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىنى قۇ‌رغان.‏ ئۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قانداق يېتە‌كلىگە‌ن؟‏ ئۇ ئە‌يسا مە‌سىھنى جامائە‌تنىڭ بېشى سۈپىتىدە تە‌يىنلىگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏23‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ھە‌ربىر شاگىرتىغا شە‌خسە‌ن كۆرسە‌تمە بە‌رمىگە‌ن.‏ ئۇ يېتە‌كچىلىك قىلىشتا يېرۇ‌سالىمدىكى شاگىرتلار بىلە‌ن ئە‌لچىلە‌رنى ئىشلە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ جامائە‌تلە‌ردە يېتە‌كچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللار تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ —‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏12؛‏ تىتۇ‌س 1:‏5‏.‏

يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌ر بىلە‌ن ئاقساقاللار (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


10.‏ (‏1)‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كۆرسە‌تمىلە‌رگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏30،‏ 31‏)‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن قە‌دىمقى زامانلاردا بە‌زى ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا تە‌يىنلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنى رە‌ت قىلغان؟‏ (‏«‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر ئېنىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى رە‌ت قىلغان؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

10 بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئە‌لچىلە‌رنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىلىرى كۆرسە‌تمىلە‌رگە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بويسۇ‌نغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ئۇ‌لار سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ «ئىنتايىن خۇ‌شال بولۇ‌شتى» ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏30،‏ 31-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلە‌ۋاتىدۇ؟‏

 

بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا بىزنى قانداق يېتە‌كلە‌يدۇ؟‏

11.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا خۇ‌دا يېتە‌كچىلىكنى قولىغا ئالغانلارنى قانداق قوللاپ قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ۋاتىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

11 يە‌ھۋا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌پ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ بۇ‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە جامائە‌تنىڭ بېشى بولغان ئوغلى ئارقىلىق قىلىۋاتىدۇ.‏ خۇ‌دا داۋاملىق ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆزىگە ۋە‌كىللىك قىلىدىغانلارنى تاللاپ،‏ بۈگۈنكى كۈندە ئۇ‌لارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتىنى كۆرە‌لە‌يمىزمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە.‏ مە‌سىلە‌ن 1800-‏يىللارنىڭ ئاخىرىدا يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏ چارلز تېيىز راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ دوستلىرى بىرلىكتە،‏ 1914-‏يىلى خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۈچۈن مۇ‌ھىم بىر يىل بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏دانىيال 4:‏25،‏ 26‏)‏.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى بېشارە‌تلە‌رنى تە‌كشۈرۈش تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق شۇ خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىشىغا يە‌ھۋا يېتە‌كچىلىك قىلغانمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ ئۇ شۇ‌نداق قىلغان.‏ 1914-‏يىلى يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.‏ شۇ يىلى،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى باشلاندى،‏ كە‌ينى-‏كە‌ينىدىن يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىكلە‌ر،‏ يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر ۋە ئاچارچىلىقلار يۈز بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 21:‏10،‏ 11‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن بۇ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ ئۆز خە‌لقىگە ياردە‌م قىلغان.‏

12،‏ 13.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا يېتە‌كچىلىك قىلغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ۋە‌ز قىلىش ئىشىنى جانلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

12 ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌ش مە‌زگىلىدە بولغان ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مە‌ركىزى باش ئىدارىدىكى يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏8-‏ئايە‌تنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلغان.‏ ئۇ‌لار ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ۋە‌ز پائالىيىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇ‌رۇ‌شقا پۇ‌رسە‌ت يارىتىدىغان نىسپە‌تە‌ن تىنچ-‏ئامان بىر دە‌ۋرگە باشلاپ كىرىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ‌لار شۇ چاغدىكى ۋە‌زىيە‌تكە ماس كە‌لمە‌يدىغان بىر قارارنى چىقارغان،‏ يە‌نى يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى [مىسسىئونېرلار] تە‌ربىيىلە‌ش ۋە ئۇ‌لارنى دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىغا ئە‌ۋە‌تىش ئۈچۈن گىلىئاد مە‌كتىپىنى قۇ‌رغان.‏ ئۇ‌رۇ‌ش تېخى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ،‏ بۇ مە‌كتە‌پنى پۈتتۈرگە‌نلە‌ر باشقا دۆلە‌تلە‌رگە ۋە‌ز قىلىشقا ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ سادىق قۇ‌ل جامائە‌تتىكى بارلىق كىشىلە‌رنى تېخىمۇ ياخشى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ۋە تە‌لىم بە‌رگۈچى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپى b ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى باشلىغان ئىدى.‏ شۇ‌نداق تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتە‌پلىرى بىلە‌ن،‏ خۇ‌دا خە‌لقى ئۆزلىرىنى ئالدىدا كۈتۈپ تۇ‌رۇ‌ۋاتقان ۋە‌ز خىزمە‌تكە ياخشى تە‌ييارلىغان.‏

13 ئارقىمىزغا قارىساق،‏ يە‌ھۋانىڭ قىيىن مە‌زگىلدە ئۆز خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌پ كە‌لگە‌نلىكىنى ئېنىق كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن دۆلە‌تلە‌ردە مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە تىنچلىق ۋە ئە‌ركىنلىك بولغاچ،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى تېخىمۇ كە‌ڭ كۆلە‌مدە قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشكە‌ن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ۋە‌ز ئىشى جانلىنىپ روناق تاپقان.‏

14.‏ بىز نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ۋە ئاقساقاللارنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 2:‏1‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

14 بۈگۈنكى كۈندە،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى داۋاملىق مە‌سىھنىڭ يولباشچىلىقىنى ئىزدە‌ۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلارغا بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ كۆز قارىشىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرۈشنى خالايدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ كۆرسە‌تمىلە‌رنى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ۋە ئاقساقاللار ئارقىلىق جامائە‌تلە‌رگە يە‌تكۈزىدۇ c‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئاقساقاللار مە‌سىھنىڭ «ئوڭ قولىدا» ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 2:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاشۇ ئاقساقاللار مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ۋە خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ يە‌شۇ‌ئا ۋە ئە‌لچىلە‌رمۇ بە‌زىدە ئوخشاش خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن (‏سانلار 20:‏12؛‏ يە‌شۇ‌ئا 9:‏14،‏ 15؛‏ رىملىقلار 3:‏23‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن شۇ‌نى ئېنىق كۆرە‌لە‌يمىزكى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن سادىق قۇ‌ل ۋە بارلىق ئاقساقاللارنى يېتە‌كلە‌پ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ بۇ ئىشنى «بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرىغىچە» داۋاملاشتۇ‌رىدۇ (‏مە‌تتا 28:‏20‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ يېتە‌كچىلىك قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌نلە‌رنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن يېتە‌رلىك سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ بۈگۈنكى كۈندە (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


يە‌ھۋانىڭ يول-‏يورۇ‌غىغا بويسۇ‌نۇ‌ش بىز ئۈچۈن پايدىلىق

15،‏ 16.‏ يە‌ھۋانىـڭ يېتە‌كچىـلىكىگە بويسۇ‌نغانلارنىـڭ تە‌جرىبىلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏

15 بىز يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىسىگە بويسۇ‌نساق،‏ ھازىر ئۇ‌نىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌ندى بىلە‌ن رۇ‌ت d ئاددىي-‏ساددا تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ھە‌ققىدىكى نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالغان (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا پاك ئىبادە‌ت قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىنالارنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا پىدائىي ياردە‌م بېرىشكە قاتنىشالىغان.‏ روبىن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زىدە بىز ناھايىتى كىچىك ئۆيلە‌ردە تۇ‌ردۇ‌ق،‏ ھە‌تتا ئاشخانىسى يوق ئىدى.‏ مە‌ن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بولغان فوتو-‏سۈرە‌تچىلىك ئۈچۈن قوللىنىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى سېتىۋېتىشكە توغرا كە‌لدى.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمدا كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى.‏ ئە‌مما،‏ ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە‌گە ئوخشاش،‏ مە‌ن ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا بە‌ل باغلىدىم،‏ كە‌ينىگە ئە‌مە‌س» (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏15‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ جۈپ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتى؟‏ روبىن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۆزىمىزدە بارىنىڭ ھە‌ممىسىنى يە‌ھۋاغا بېرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىش بىزنى بە‌ك خۇ‌شال قىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌ندىغىنىمىزدا،‏ يېڭى دۇ‌نيادا ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالايمىز».‏ ئە‌ندىمۇ روبىننىڭ سۆزىگە قوشۇ‌لۇ‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بارلىق ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى سە‌رپ قىلغىنىمىزدىن ئىنتايىن رازىمىز».‏

16 يە‌ھۋانىڭ يوليورۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏ ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پنى پۈتتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ مارسىيا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىشنى كۆڭلىگە پۈككە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏33؛‏ رىملىقلار 12:‏11‏)‏.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌نىۋېرسىتېت ماڭا تۆت يىل ھە‌قسىز ئوقۇ‌ش پۇ‌رسىتىنى بە‌ردى،‏ ئە‌مما،‏ مە‌ن ئۆزۈمگە روھىي مە‌قسە‌ت قويغان ئىدىم.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ مە‌ن ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ بىر كە‌سپىي تېخنىكا ئۆگىنىش ئۈچۈن كە‌سپى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌شنى تاللىدىم.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغىنىمدا ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىمنى قامدىيالايتتىم.‏ بۇ مە‌ن چىقارغان ئە‌ڭ ياخشى قارارلاردىن بىرى.‏ مە‌ن ھازىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىمە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئىش ئورنۇ‌مدا ئىشلە‌ش ۋاقتىمنى ئۆزۈم خالىغاندە‌ك بە‌لگىلىيە‌لە‌يمە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ مە‌ن بە‌يتە‌لگىمۇ پىدائىي ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن.‏ يە‌نە باشقا ئالاھىدە شان-‏شە‌رە‌پلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولدۇ‌م».‏

17.‏ يە‌ھۋانىڭ يېتە‌كچىلىكىگە داۋاملىق قۇ‌لاق سالساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏

17 بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بىزنى قوغداش ئۈچۈن نە‌سىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پۇ‌لپە‌رە‌سلىككە ۋە خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌شقا يېتە‌كلە‌يدىغان ئىشلارغا بېرىلىپ كە‌تمە‌سلىك ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە قۇ‌لاق سېلىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.‏ پاك ۋىجداننى ساقلاپ،‏ ئۆزىمىزنى بىھۇ‌دە ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلاپ قالىمىز (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالايمىز.‏ بۇ بىزنى خۇ‌شاللىق،‏ تىنچلىق ۋە قانائە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ.‏—‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن داۋاملىق يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏

18 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ۋە مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە،‏ يە‌ھۋا داۋاملىق بە‌زى ئىنسانلارنى قوللىنىپ بىزگە يوليورۇ‌قلارنى بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 45:‏16‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ قە‌لبىمىزدىكى شە‌خسىي مايىللىقىنى چە‌تكە قايرىپ قويۇ‌ش تە‌لە‌پ قىلىنغاندا،‏ بۇ كۆرسە‌تمىگە ئە‌گىشىمىزمۇ؟‏ بۇ بىزنىڭ يە‌ھۋا ھازىر بە‌رگە‌ن يوليورۇ‌قلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىزغا باغلىق.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ھە‌ردائىم يە‌ھۋانىڭ يوليورۇ‌قىغا،‏ شۇ جۈملىدىن بىزگە مە‌سئۇ‌ل بولۇ‌شقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن كىشىلە‌ر بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نايلى!‏ (‏يە‌شايا 32:‏1،‏ 2؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏17‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلساق،‏ بىزنى ھە‌رخىل روھىي خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ردىن قوغداپ،‏ ئاخىرقى مە‌نزىل،‏ يە‌نى يېڭى دۇ‌نيادىكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان يېتە‌كچىمىز يە‌ھۋاغا پۈتۈن قە‌لبىمىز بىلە‌ن ئىشىنىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىگە قانداق يوليورۇ‌ق بە‌رگە‌ن؟‏

  • يە‌ھۋا بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قانداق يوليورۇ‌ق بە‌رگە‌ن؟‏

  • بۈگۈن يە‌ھۋانىڭ يوليورۇ‌قىغا بويسۇ‌نساق،‏ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

48-‏ناخشا ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن يۈر!‏

a يە‌ھۋا يە‌نە ئىسرائىل خە‌لقىنى ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا باشلاپ بېرىش ئۈچۈن،‏ بىر پە‌رىشتىنى ئۇ‌لارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ بۇ پە‌رىشتە مىكائىل يە‌نى ئە‌يسا مە‌سىھ ئىدى.‏ ئۇ تېخى يە‌ر يۈزىگە كە‌لمە‌ي،‏ ئاسماندا خىزمە‌ت قىلغاندا بۇ ئىسىم بىلە‌ن ئاتالغان (‏چىق 14:‏19؛‏ 32:‏34)‏.‏

b كېيىنرە‌ك،‏ بۇ مە‌كتە‌پ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار مە‌كتىپى دە‌پ تونۇ‌لغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە بۇ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئوقۇ‌تۇ‌شى ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2021-‏يىل،‏ فېۋرال ساننىڭ 18-‏بە‌تتىكى «‏يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ رولى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

d بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏