مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2-‏بۆلە‌ك

ئىنساننىڭ جە‌ننە‌تتىن مە‌ھرۇ‌م قېلىشى

ئىنساننىڭ جە‌ننە‌تتىن مە‌ھرۇ‌م قېلىشى

بىرىنچى بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال،‏ ئادە‌م بىلە‌ن ھاۋانىڭ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رە‌ت قىلىشىغا بىر ئىسيانچى پە‌رىشتىنىڭ سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌شى.‏ نە‌تىجىدە،‏ گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا پە‌يدا بولۇ‌شى

ئىنسانلار يارىتىلىشتىن ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى،‏ خۇ‌دا پە‌رىشتىلە‌ر دە‌پ ئاتالغان نۇ‌رغۇ‌ن كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان روھى مە‌خلۇ‌قاتلارنى ياراتقان.‏ ئېرە‌م باغدا،‏ شە‌يتان ئىبلىس دە‌پ تونۇ‌لغان ئىسيانچى پە‌رىشتە ھىيلە-‏مىكىرلىك بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى خۇ‌دا يېيىشنى چە‌كلىگە‌ن دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشكە قىزىقتۇ‌رغان ئىدى.‏

شە‌يتان يىلاننى ئىشلىتىپ قارىماققا يىلان سۆزلە‌ۋاتقاندە‌ك قىلىپ سۆزلە‌پ،‏ خۇ‌دا ياخشى نە‌رسىلە‌رنى ھاۋا-‏ئانا ۋە ئۇ‌نىڭ ئېرىدىن يىراق تۇ‌تىۋاتىدۇ،‏ دېگە‌ننى يۇ‌شۇ‌رۇ‌ن كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئاشۇ پە‌رىشتە،‏ ئە‌گە‌ر ھاۋا-‏ئانا ۋە ئۇ‌نىڭ ئېرى چە‌كلە‌نگە‌ن مېۋىنى يېسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆلمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ شە‌يتان،‏ ئاللا ئۆز بە‌ندىلىرىگە يالغان سۆزلە‌يدۇ،‏ دە‌پ تۆھمە‌ت قىلغان ئىدى.‏ يالغانچى شە‌يتان،‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نماسلىقنى خۇ‌ددى پارلاق مە‌رىپە‌تكە ۋە ئە‌ركىنلىككە يېتە‌كلە‌يدىغاندە‌ك قىلىپ كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى بىر يالغانچىلىق،‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدە سۆزلە‌نگە‌ن تۇ‌نجى يالغان گە‌پتۇ‌ر.‏ مۇ‌شۇ ۋە‌قە ئە‌مە‌لىيە‌تتە خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان.‏ مۇ‌نداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ راستىنلا خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بارمۇ-‏يوق؟‏ خۇ‌دا بە‌ندىلىرىنىڭ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تى ئۈچۈن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى توغرا يۈرگۈزە‌مدۇ-‏يوق؟‏ دېگە‌ن سوئاللار ئوتتۇ‌رغا چىققان ئىدى.‏

ھاۋا-‏ئانا،‏ شە‌يتاننىڭ يالغان گېپىگە ئىشە‌ندى.‏ ئۇ ئاشۇ مېۋىنى يېيىشىكە تە‌شنا بولۇ‌شقا باشلاپ،‏ ئاخىردا مېۋىدىن ئېلىپ يېدى.‏ ھە‌مدە ئۇ مېۋىدىن ئۆز ئېرىگە بە‌ردى،‏ ئېرى ھە‌م مېۋىنى يېدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار گۇ‌ناھكار بولدى.‏ قارىماققا ئۇ ئاددىيغىنا ھە‌رىكە‌ت بولسىمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ بىر قارشىلىقنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ خۇ‌دانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا قە‌ستە‌ن ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشنى تاللاپ،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئۇ‌لارغا ھە‌ممە نە‌رسىنى،‏ ھە‌تتا مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتلىقنى بە‌رگە‌ن ياراتقۇ‌چىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رە‌ت قىلغان ئىدى.‏

نە‌سىل «ئۇ ئۆزى سېنىڭ بېشىڭنى دە‌سسە‌پ يانجىيدۇ‌ر.‏ سە‌ن بولساڭ ئۇ‌نىڭ تاپىنىنى چاقارسە‌ن».‏ —‏يارىتىلىش 3:‏15

خۇ‌دا ئىسيانچىلار بىلە‌ن ھىساپلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنى جازاغا ھۆكۈم قىلدى ۋە شە‌يتانغا ۋە‌كىل قىلىنغان يىلاننى ھالاك قىلغۇ‌چى نە‌سىلنىڭ يە‌نى قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى نىجاتكارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلدى.‏ ئاللا،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىغا بېرىلگە‌ن ئۆلۈم جازاسىنى بىر مە‌زگىل كېچىكتۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ تېخى توغۇ‌لمىغان پە‌رزە‌نتلىرى ئۈچۈن رە‌ھىمدىللىك كۆرسە‌تتى.‏ ئاشۇ پە‌رزە‌نتلە‌ر ئۈچۈن ئە‌مدى بىر ئۈمىد پە‌يدا بولدى،‏ چۈنكى ئاللا ئېرە‌م باغدىكى ئىسياننىڭ نە‌تىجىسىدە مە‌يدانغا كە‌لگە‌ن پاجىئە‌لىك ئاقىۋە‌تلە‌رنى يوق قىلغۇ‌چى بىرىنى ئە‌ۋە‌تمە‌كچى بولغان ئىدى.‏ كە‌لگۈسىدە ئە‌ۋە‌تىلىدىغان قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى نىجاتكار كىم؟‏ ۋە ئۇ ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ مە‌قسە‌تلىرى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدۇ؟‏ دېگە‌نلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يېزىپ خاتىرىلىنىشىگە ئە‌گىشىپ ئاستا-‏ئاستا ئاشكارىلانغان ئىدى.‏

پە‌رۋە‌ردىگار،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى جە‌ننە‌تتىن قوغلاپ چىقاردى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئېرە‌م باغنىڭ سىرتىدا،‏ ئۇ‌لار جان ساقلاش ئۈچۈن قان-‏تە‌ر تۆكۈپ،‏ يە‌رگە جاپالىق ئىشلە‌شكە مە‌جبۇ‌ر بولدى.‏ ھاۋا-‏ئانا ھامىلدار بولۇ‌پ،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ تۇ‌نجى ئوغلى قابىل تۇ‌غۇ‌لدى.‏ ئۇ‌لار يە‌نە ھابىل ۋە سېت قاتارلىق باشقا ئوغۇ‌ل ۋە قىز پە‌رزە‌نتلە‌رنى كۆردى.‏ سېت بولسا نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئە‌جدادى بولغان ئىدى.‏

‏—‏يارىتىلىش 3–‏5-‏باب‏؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12-‏باب 9-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن.‏